دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە ھاقۇرۇق رايونلىرىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1480637
دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە ھاقۇرۇق رايونلىرىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى داۋامىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، قارسنىڭ قاغىزمان ناھىيەسىدە بىرى كەلرەڭ، ئىككىسى ئاپېلسىن كاتېگورىيەدىكى 5 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە 2010 – يىلى قېتىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بىر تېررورچىنىڭ، ماردىندا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شۇنىڭ بىلەن، يانۋاردىن ئېتىبارەن قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 141 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر