تۈركىيە تېررورىست تاررانتقا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى

تۈركىيە، يېڭى زېلاندىيەدە 2 جامىگە قىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 51 كىشىنى ئۆلتۈرگەن تېررورىست برېنتون تاررانتنىڭ  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالدى.

1479964
تۈركىيە تېررورىست تاررانتقا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارغا ئالاقىدار ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، 2019 - يىلى 15 – مارتتا كىرىستچورچ شەھىرىدە ئىككى جامىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا تۈركىيە پۇقراسى زەكەرىيا تۇياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 51 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، تۈركىيە پۇقراسى مۇستاپا بوزتاش ۋە تەمەل ئاتاچوجۇگۇ قاتارلىق 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار يەنە بىر قېتىم ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن تىلغا ئېلىنىپ، «تېررورچىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە ئەڭ ئېغىر جازا ھېسابلىنىدىغان ۋە ھەر قانداق كەچۈرۈم قىلىنىشتىن بەھرىمان بولالمايدىغان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز. سوتنىڭ مەزكۇر قارارى ئىسلام دۈشمەنلىكى، چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىرقچىلىق ۋە نەپرەتتىن كېلىپ چىققان بارلىق ئىدىئولوگىيە ۋە ھەرىكەتلەرگە قارشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى » دېيىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ھەر خىل كەمسىتىشكە قارشى قەتئىي ۋە پرىنسىپال پوزىتسىيەسىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر