تۈركىيە: دۆلىتىمىزنى چەتكە قاقىدىغان ھەرقانداق بىر پىلان مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر

ئەنقەرە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە ۋە قىبرىس تۈركلىرىنى چەتكە قاقىدىغان ھەرقانداق بىر پىلاننىڭ مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1479912
تۈركىيە: دۆلىتىمىزنى چەتكە قاقىدىغان ھەرقانداق بىر پىلان مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، فىرانسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە قونۇشىغا ئالاقىدار سوئالغا بەرگەن يازما جابىدا، فىرانسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى، گىرېتسىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر  ئۆتكۈزۈشنى باھانە قىلىپ، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە قونۇشىنىڭ، ھەمدە بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ۋاقىتلىق ياكى داۋاملىق ئارالدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ، قىبرىس تۈركلىرى بىلەن رۇم خەلقلىرىگە باراۋەرلىك ھوقۇقى ھەم سالاھىيىتى بېرىدىغان 1960 – يىلقى (زۇرىخ ۋە لوندون) شەرتنامىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىبرىس ئارىلىنىڭ كاپالەتچىسى بولمىغان فىرانسىيە، بۇ پوزىتسىيەسى ئارقىلىق، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى مەۋجۇت سۈركىلەشلەرنىڭ جاۋابكارى بولغان جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن گىرېتسىيەنى، خەۋپلىك شەكىلدە سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشكە تەشۋىق قىلماقتا. يەنە بىر قېتىم شۇنى خاتىرىلىتىپ ئۆتىمىزكى: شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە ۋە قىبرىس تۈركلىرىنى چەتكە قاقىدىغان ھەرقانداق بىر پىلان مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر