ئاقسوي: تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ھەددىنى ئاشقان باياناتلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھاماس مەسئۇللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا قارىتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان باياناتلىرىنى تۈركىيەنىڭ پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1479334
ئاقسوي: تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ھەددىنى ئاشقان باياناتلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ
Hami Aksoy.jpg
Hami Aksoy.jpg
hami aksoy.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي يازما باياناتىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 22 - ئاۋغۇستتا ئىستانبۇلدا ھاماس سىياسىي كېڭىشى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ۋە ئۇنىڭ ھەراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا ئامېرىكا  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ھەددىنى ئاشقان باياناتلرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ باياناتنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز» دېدى.

ئاقسوي دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق غەززەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ۋە رايوننىڭ مۇھىم رېئاللىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ھاماسنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلىنى «تېررورچى» دەپ باھالاشنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىغا ھېچقانداق تۆھپە قوشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىبېشىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا ھېچقانداق ھوقۇقى بولمايدۇ» دېدى.

ئاقسوي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدىكى ئىچكى يارىشىش تىرىشچانلىقىنىڭمۇ بىر تەرىپى بولغان ھاماسنى تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ جاكارلىغانلىقىنى، ئاندىن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنى تاقىغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل پەلەستىن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، رايوننىڭ رېئاللىقىدىن ئۆزىنى يىراقلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى ئاقسوي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە: «بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى رايوندىكى كۈچ ۋە تەسىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، تەڭپۇڭ سىياسەت يولغا قويۇپ، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىغا قارىتا خەلقئارا قانۇن، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئاساسىدا، سەمىمىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشىشنى تەكلىپ قىلىمىز» دەپ چاقىرىقتا بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر