لىۋىيەدىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1479167
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترابلۇستا ۋەزەپە ئۆتەش جەريانىدا بىتاپ بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرنىڭ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى چوڭقۇر قايغۇ – ئەلەمگە تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.