ئىبراھىم كالىن: ئامېرىكانىڭ S-400 لەرنى شەرت قىلىۋىلىشى خاتا

ئىبراھىم كالىن، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئالغانلىقى ئۈچۈن شەرت قويۇشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1478762
ئىبراھىم كالىن: ئامېرىكانىڭ S-400 لەرنى شەرت قىلىۋىلىشى خاتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا مەركەزلىك بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئىبراھىم كالىن ئامېرىكانىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سودا ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالغان  S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بىكار قىلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەمدىلىكتە ئالدىنقى شەرت سۈپىتىدە S-400 نى ئوتتۇرىغا قويماقتا. S-400 نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى تەكلىپ قىلماقتا، بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەتمىز، بىز بۇ قارارنى ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ئاساسىدا ماقۇللىدۇق» دېدى.

ئىبراھىم كالىن، تۈركىيە رۇسىيەدىن ئالغان S-400 لەرنىڭ ھازىر ئاكتىپ  ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇ جەرياننىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇلار ھازىر ئاكتىپ ئەمەس، ئەمما بۇ جەريان داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ قارارنىڭ تەتۈرگە ئايلاندۇرىلىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان S-400 كېلىشىمى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق» دېدى.

ئىبراھىم كالىن تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۇرىۋاتقان ئىككى ئاساسلىق مەسىلىگە قارىتا ئامېرىكانىڭ (سۇرىيەدىكى YPG /PYD ۋە فەتھۇللاچى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىغا قارىتا) پاسسىپ تۇرىۋېلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر