«ئورۇچ رەئىس» نىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى

«ئورۇچ رەئىس» ناملىق تەتقىقات پاراخوتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 27 – ئاۋغۇستقىچە ئۇزارتىلدى.

1478132
«ئورۇچ رەئىس» نىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى قارارنامە ئارقىلىق مۇددىتى 4 كۈن ئۇزارتىلغان «ئورۇچ رەئىس» ناملىق پاراخوت، «ئاتامان» ۋە «چىڭگىزخان» ناملىق پاراخوتلار بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى قىبرىس ساھىللىرىدا، ئىلگىرى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان رايونلاردا، يەر تەۋرەش، ماتېرىك سۇپىسى، تەبىئىي بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك گېئولوگىيەلىك، گېئوفىزىكىلىق، گېدروكاربونلۇق ۋە ئوكيانشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

تولۇق قوراللانغان، كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە كەم ئۇچرايدىغان تەتقىقات پاراخوتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئورۇچ رەئىس»، 2 ۋە 3 ئۆلچەملىك يەر تەۋرەش، يەر تارتىش كۈچى ۋە ماگنىتلىق گېئوفىزىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 8 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە ئۈچ ئۆلچەملىك يەر تەۋرەش، 15 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە ئىككى ئۆلچەملىك يەر تەۋرەش تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر