تۈركىيە گىرېتسىيەگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە گىرېتسىيەگە «قارىيە جامەسى» توغرۇلۇق جاۋاب قايتۇردى.

1477301
تۈركىيە گىرېتسىيەگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «قارىيە جامەسى» نىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابىدا مۇنداق دېدى: «<قارىيە جامەسى> خۇددى <ئاياسوفيا جامەسى> گە ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مەدەنىيەت بايلىقىدۇر. بىر دۇنيا مىراسى ساھەسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان سالاھەت ئۆزگىرىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەتلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئەمەستۇر. دەرۋەقە، تۈركىيەدىكى مەدەنىيەت بايلىقلىرى جان تىكىپ قوغدالماقتا. مەدەنىيىتىمىز ۋە تارىخىمىزدىن مىراس قالغان خۇشپېئللىق ئەنئەنىمىز ۋە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئاساسلىنىدىغان ھەق – ھوقۇقلىرىمىز ھەم مەسئۇلىيەتلىرىمىز دائىرىسىدە بارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى جان تىكىپ قوغداۋاتىمىز.»

ئاقسوي، گىرېتسىيەنىڭ دۆلەتتىىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى جامەلىرى بىلەن مەسجىدلىرىنى چېركاۋلارغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە پىسەنت قىلماي، ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىگە ھەر تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرى ئارقىلىق چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەنىڭ بۇ ھەقتە بىزگە ۋەز – نەسىھەتتە بولۇشقا ئۇرۇنۇشى ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر. گىرېتسىيەنىڭ تارىخىي خىيالپەرەسلىكىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە رايوندا سۈنئىي كۈنتەرتىپلەرنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇشى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر. گىرېتسىيەنى يەنە بىر قېتىم ئۆز تارىخى بىلەن يارىشىشقا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىمالال ھالدا تائەت - ئىبادەت قىلالىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا تېگىشلىك ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر