ئەردوغان ھەممەيلەن تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان «خۇش خەۋەر» نى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە خەلقى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان «خۇش خەۋەر» نى ئېلان قىلدى.

1477056
ئەردوغان ھەممەيلەن تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان «خۇش خەۋەر» نى ئېلان قىلدى
Cumhurbaşkanı Erdoğan Kocaeli.jpg
Erdoğan 13.08.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا كامېرالارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، تۈركىيەنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز بايقاشنى قارا دېڭىزدا ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئەردوغان: «بىزنىڭ فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىمىز 2020 - يىلى 20 -  ئىيۇلدا باشلىغان تۇنا -1 قۇدۇقىنى بۇرغىلاش خىزمىتى جەريانىدا، 320 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىنى بايقىدى. بىز بۇ ھەرىكەتنى پۈتۈنلەي دۆلەت ئىمكانلىرىمىزغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇردۇق. قۇدۇقتىن قولغا كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئوخشاش رايوندا يەنە، يېڭى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنىڭ بايقىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ  يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بىزنىڭ نىشانىمىز قارا دېڭىز گازىنى 2023 - يىلىدا مىللىتىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇشتۇر»دېدى.

ئەردوغان: «ھازىر بىز دەرھال تەكشۈرۈپ بېكىتىش قۇدۇقلىرىنى ئېچىشنى باشلايمىز. ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشنى بەلگىلەپ، قۇرۇلۇش ۋە ۋە قۇرۇلۇش باسقۇچىغا ئۆتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر