مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ نىكولاس مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلا پرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى.

1475631
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ نىكولاس مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ 70 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلادا پرېزىدېنت مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مادۇروغا يوللىغان تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى يەتكۈزۈپ، «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يۇقۇمدىن كېيىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچدە سىزنى تۈركىيەدە كۈتىۋېلىشتىن خوشاللىق ھېس قىلىدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلادىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن ياخشى كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە پەقەت يۇقۇم مەزگىلىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم ۋېنېزۇئېلا ۋە خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدۇ» دېدى.

چاۋۇشوغلۇ يەنە، ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېلكى رودرىگۇز بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر