بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 20 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 20 كىشى قازا قىلدى.
1475184
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 6016 گە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 82 مىڭ 318 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1263 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 942 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 232 مىڭ 913 كىشىگە يەتتى.