ئاكار بىلەن گۈلەر لىۋىيەنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1474452
ئاكار بىلەن گۈلەر لىۋىيەنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر خەۋپسىزلىك، ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىنى زىيارەت قىلدى.

مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار ۋە باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ئۈچۈن پايتەخت تىرىپولىدىكى مىتىگا ئايرودۇرۇمىدا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى سەلاھاددىن ئەننەمرۇش، لىۋىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد ئەششەرىف بىلەن تۈركىيەنىڭ تىرىپولىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەرھات ئاكسەن، تۈركىيە ۋە لىۋىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەرنى كۈتۈۋالدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ياشار گۈلەر كېلىشىم رامكىسىدا قۇرۇلغان مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ۋە تەلىم-تەربىيە ياردەم ھەمكارلىقى قوماندانلىق مەركىزىگە باردى.

ھۇلۇسى ئاكار: «لىۋىيە لىۋىيەلىكلەرنىڭ ۋە بىز ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللايمىز. لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى توغرا دەۋالىرىدا قوللاش ئارقىلىق تەلەپ قىلغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ھۇلۇسى ئاكار ۋە ياشار گۈلەرنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە، قاتار دۆلەت مۇداپىە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەل ئاتىييە بىلەن لىۋىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپى.ە مىنىستىرى سەلاھاددىن ئەننەمرۇش قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر