مۇستافا شەنتوپ: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پەلەستىن دەۋاسىغا خىيانەت قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خىياتىنى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئىسلام دۇنياسىدا قۇرۇلغان ۋە ئالجىغان مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم دۆلەتلەر بار» دېدى.

1473666
مۇستافا شەنتوپ: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پەلەستىن دەۋاسىغا خىيانەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋەرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ، «پەلەستىن دەۋاسىغا خىيانەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈش نومۇسسىزلارچە بىر ھەرىكەتتۇر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئەيىبلەيمەن» دېدى.

 مۇستافا شەنتوپ ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇردى.

مۇستافا شەنتوپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىسلام دۇنياسىدا قۇرۇلغان ۋە ئالجىغان مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم دۆلەتلەر بار. بۇلار پۇل ۋە يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە بولۇشنى دۆلەت بولۇش دەپ ئويلايدۇ، شۇنداق خىياللاردا بولىدۇ، ئەمما بۇلار پەقەت چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قورچاقلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇلار ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقلىق، بىر پۈتۈنلۈك ۋە باراۋەرلىكنى بۇزۇش رولىنى ئۈستىگە ئېلىشماقتا» دېدى.

مۇستافا شەنتوپ يەنە مۇنداق دېدى:

«(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ) ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرىنچى مەسىلىسى بولغان پەلەستىن دەۋاسىغا خىيانەتتۇر. ئەگەر بىز ئەرەبلەرگە قارايدىغان بولساق، ئەرەبلەرنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم دەۋاسىدۇر ۋە بۇ ئۇنىڭغا خىيانەتتۇر. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خائىنلارچە پوزىتسىيە ئىچىدە تۇرماقتا. مەن ئىسلام دۇنياسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدىغان پوزىتسىيەلىرىنى نامايان قىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. خەلقئارا قانۇنغا ۋە ب د ت قارارنامىلىرىغا خىلاپ ھالدا پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن دەۋاسىغا خىيانەت قىلغان ھالدا كېلىشىم تۈزۈش نومۇسسىزلارچە بىر ھەرىكەتتۇر. مەن بۇ يەردىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئەيىبلەيمەن، ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىگىمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر