مۇستافا شەنتوپ جو بايدىنغا مەسخىرىلىك جاۋاپ قايتۇردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىننىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا ئىنكاس قايتۇردى.

1473682
مۇستافا شەنتوپ جو بايدىنغا مەسخىرىلىك جاۋاپ قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋەرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچىرىدا مۇنداق دېدى:

«بايدىنلار «بىزنىڭ بالىلار» دەپ ئاتايدىغان ئادەملىرى بىلەن ھېچقاچان سايلامدا غەلىبە قىلىپ باقمىدى. مىلىتىمىز ئۇلارنىڭ «بىزنىڭ بالىلار» دېگەن ئادەملىرىگە 15 – ئىيۇلدا تېگىشلىك جاۋابىنى بەردى. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلارغا يەنە تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىقى 4 يىلدىن بۇيان تالاش تارتىش قىلىنىۋاتقانلىقىغا قارىماستىن، بايدېن تۈركىيەنىڭ سايلامىغا ئارىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىپتۇ. بۇ جاسارەتكە مۇھتاج بىر ئىشتۇر بوۋاي!  سىز ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتىڭىزدە شەك – شۈبھىدىن ۋە تاشقى تەسەرلەردىن خالىي بىر سايلام ئۆتكۈزەلىسىڭىزكەن كاشكى. تۈركىيەگە بولغان دۈشمەنلىك ھەمىشە مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر