ئەردوغان گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنىڭ خۇسۇسىي پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ئەڭ كىچىك ھۇجۇمنىمۇ جاۋابسىز قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1473152
ئەردوغان گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا بۈگۈن (2020-يىلى 14-ئاۋغۇست) ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان تۈركىيە پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ئەڭ كىچىك ھۇجۇمنىمۇ جاۋابسىز قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئورۇچ رەئىس 23-ئاۋغۇستقىچە تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۈنۈگۈن (2020-يىلى 13-ئاۋغۇست) گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن بۇلارنى سۆھبەتلەشتۇق. مېركېل بىزدىن بۇ ئىشنى يۇمشىتىپ، قوغداش ئېڭى ئىچىدە مۇساپىنى ئالغا ئىلگىرىلىتەيلى دەپ ئۆتۈندى، پىكىر بىرلىكىگە كەلدۇق. مېركېل گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بىلەنمۇ كۆرۈشتى. مىچوتاكىسنىمۇ بىزگە دېگەن نۇقتىغا ئەكەلگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئۇ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىسنى خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ: «غەربىي تراكيادا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى ئوققا تۇتتى. بۇلار ئىجابىي سىگناللار ئەمەس. بىز قېرىداشلىرىمىزنىڭ تىرىكىنىمۇ، جەسىتىنىمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز. زۆرۈر بولسا، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىمىز. بۇنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە ئېنىق دېگەن بولاي» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى كەسكىنلىشىۋاتقان يىرىكچىلىكنىڭ جاۋابكارىنىڭ تۈركىيە ئەمەس، بەلكى گىرېتسىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىيو كاسىس (Ignazio Cassis) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «شەرقىي ئاقدېڭىزدا جىددىيچىلىك يۇقىرى ئۆرلىدى. بىراق، بۇنىڭ جاۋابكارى تۈركىيە ئەمەس، گىرېتسىيە. بىز بۇرغىلاش مەشغۇلاتىمىزنى باشلاش ئۈچۈن 2018-يىلىغىچە سەۋر بىلەن ساقلىدۇق. ئەمما ھەم گىرېتسىيە ھەمدە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى 2001-يىللاردىن باشلاپلا ئۆز ئالدىلىرىغا بۇرغىلاش مەشغۇلاتلىرىنى باشلىغان ئىدى» دېدى.

ئۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ بىر قەدەم تاشلاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولغان گېرمانىيەنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن، ياخشى كۆڭلىمىزنى نامايان قىلدۇق. مەشغۇلاتلىرىمىزنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ئۆتۈنگەن ئىدى. بىز ياخشى كۆڭلىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئەمما، بۇ جەرياندا گىرېتسىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا مىسىر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ ياخشى كۆڭۈل بىلەن سىغىشالمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بۇ دۆلەتلەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ۋاقىتتا، گىرېتسىيەنىڭ بۇنداق قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئەيىبكە بۇيرۇلىدىغان دۆلەت بار دېيىلسە، ئۇ دۆلەت گىرېتسىيەدۇر. بىزمۇ كېلىشىمدىن كېيىن ئورۇچ رەئىس پاراخوتىنى مەشغۇلات رايونىغا ئەۋەتتۇق. بىز مەسىلىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىىلشنى قوللايمىز. گىرېتسىيە قائىدەلەرنى مەن بەلگىلەيمەن دەيدىغان بولسا، ئىش ئۇنداق بولمايدۇ. گىرېتسىيە ئورۇچ رەئىس پاراخوتىغا پاراكەنچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلسا جاۋابىنى ئالىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر