ئەردوغان بىلەن مېركېل شەرقىي ئاقدېڭىز ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1472407
ئەردوغان بىلەن مېركېل شەرقىي ئاقدېڭىز ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئانگېلا مېركېل تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئانگېلا مېركېلنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدكى مەسىلىلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇن رامكىسىدا، ھەققانىيەت ۋە دىيالوگ ئاساسىدا ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان قەدەملەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر