تۈركىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا دۆلەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان فورمۇلانى قوللايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئاقدېڭىزدا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ۋە ھەممە دۆلەتكە پايدىلىق فورمۇلانى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1472485
تۈركىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا دۆلەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان فورمۇلانى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل (CharlesMichel) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان بىلەن مىشېلنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېلغا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ۋە ھەممە دۆلەتكە پايدىلىق فورمۇلانى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر