تۈركىيە پ ك ك مەسىلىسىدە ئىراقنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە، دۆلىتىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىغا قارشى چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ ئىراقنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1472205
تۈركىيە پ ك ك مەسىلىسىدە ئىراقنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «يىللاردىن بۇيان ئىراقتىكى ئۇۋا سالغان جايلاردىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغىمۇ دوئېل ئېلان قىلماقتا. دۆلىتىدىكى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىغا قارشى تېگىشلىك چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئالدى بىلەن ئىراقنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بۇ جەھەتتە دۆلىتىمىز ئىراق بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار. بىراق، ئىراقتىكى پ ك ك مەۋجۇدىيىتىگە كۆز يۈمۈش داۋاملاشقان تەقدىردە، دۆلىتىمىز چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئېلىشقا قادىردۇر. ئىراقنى بۇ جەھەتتە تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا، بۇ ئەھۋالنى پۇرسەت دەپ بىلىپ دۆلىتىمىزنى ئاساسىسىز ئەيىبلەۋاتقان باشقا بەزى دۆلەت ۋە رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنىمۇ تېررورچىلارغا ئىلھام بېرىشكە ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە قوش ئۆلچەم بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، پىرىنسىپال پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر