ئوقتاي «ماۋى ۋەتەن» توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، «ماۋى (دېڭىز) ۋەتەننىڭ ھەر بىر غېرىچىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىزنىڭ ۋاز كېچىلمەسىمىزدۇر» دېدى.

1471325
ئوقتاي «ماۋى ۋەتەن» توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، گىرېتسىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئاتالمىش كېلىشىمدىن كېيىن ئاقدېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) دا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، «قۇرۇقلۇقتىكى چېگرالىرىمىزدىكىگە ئوخشاشلا ماۋى ۋەتەننىڭ ھەر بىر غېرىچىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىزنىڭ ۋاز كېچىلمەسىمىزدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پاراخوتلىرىمىز ئاتالمىش كېلىشىملەرگە ۋە ئاقدېڭىزدا خەلقئارا قانۇنغا پىسەنت قىلمىغانلارغا پەرۋا قىلماستىن ئۆز يۆنىلىشىنى بويلاپ ئىلگىرىلمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ ئاقدېڭىزدىكى قەلئەلىرىگە سالام» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر