ئاكار: تۈركىيە گىرېتسىيە بىلەن مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدۇ

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا گىرېتسىيە بىلەن ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئىزدەش ئىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلانغان جىددىيچىلىكلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1471747
ئاكار: تۈركىيە گىرېتسىيە بىلەن مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى ھۇلۇسى ئاكار مەركىزى ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا جايلاشقان رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئەنقەرەنىڭ رايوندىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «شۇنداق بولسىمۇ، تەمكىنلىكنىڭ غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى خالايمىز. بىز ھەم مەيدانلاردا ھەمدە ئۈستەلدە خەلقئارا قانۇننى، ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە دىيالوگنى قوللايمىز.خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن تىنچلىق يوللىرى بىلەن سىياسىي ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ساھىللاردا ھەق-ھوقۇقىنى، مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەتلىرىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ نۇقتا بىلىنىشى كېرەككى، دېڭىزلىرىمىز بىزنىڭ ماۋى ۋەتىنىمىزدۇر. ھەر بىر تامچىسى قىممەتلىك. بىز قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى، ئۆزىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك كۈرەشنى قىلىشقا تەييارمىز. تۈركىيەنى ساھىللارغا سولاپ قويماقچى بولغان ئەقىل ۋە مەنتىقىغە ئۇيغۇن بولمىغان ئاتالمىش سېۋىللا خەرىتىسىنى مەجبۇرىي تېڭىشنى، ياخشى قوشنىدارچىلىق، قانۇن ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، مىسىر بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم قانۇنىي ئاساستىن يىراق بولۇشتىن باشقا، مىسىر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر