ئىراقنىڭ ئاۋاشىن رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۈچ ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1470034
ئىراقنىڭ ئاۋاشىن رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېر بېتىدە ئىراقنىڭ ئاۋاشىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، مۇنداق دېيىلدى:

«ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن رايونىدا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۈچ ئەزاسى ھاۋا ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىندى. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە قەتئىي داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر