بۈگۈن يۇقۇم سەۋەبىدىن 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 14كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1470522
بۈگۈن يۇقۇم سەۋەبىدىن 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (2020-يىلى 10-ئاۋغۇست) يۇقۇم سەۋەبىدىن 14 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 5 مىڭ 858 گە چىققان بولدى.

بۇ 24 سائەت ئىچىدە  62 مىڭ 219 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 193 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 211 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 224 مىڭ 970 كىشىگە يەتتى.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر