ئوقتاي بىلەن چاۋۇشئوغلۇ بېيرۇتتا زىيارەت بولدى

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي بىلەن تاشقى مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا زىيارەتتە بولدى.

1469412
ئوقتاي بىلەن چاۋۇشئوغلۇ بېيرۇتتا زىيارەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوقتاي، لىۋان پىرېزىدېنتى مىشەل ئەۋن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، «لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋنگە تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ياردىمى ۋە تېببىي ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى، ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق» دېدى.

«تۈركىيەنىڭ بارلىق دوختۇرخانا ۋە بارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانلىرى لىۋاننىڭ خىزمىتىدىدۇر» دېگەن ئوقتاي، «بېيرۇت پورتى قايتىدىن پائالىيەت باشلىغۇچە مەرسىن پورتىنىڭ لىۋاننىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئېغىر دەرىجىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان لىۋان پورتى ۋە ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈركىيە تولۇق تەييار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

فۇئات ئوقتاي بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىككىنچى قەدەمدە بېيرۇتتىكى پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، پورتنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۇ يەردە بايانات بېرىپ، «بىز لىۋاندا تۈركىيەنىڭ، تۈرك خەلقىنىڭ، تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، دىلدىن دىلغا تۇتاشقان بىر دوستلۇقىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. لىۋانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بق ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن بۇ يەردە ئىكەنلىكىمىز توغرىسىدا كۈچلۈك ۋەدە بەرگەن بولدۇق» دېدى.

«(لىۋانغا) بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاشلىق، تېببىي بۇيۇم، دورا، بۇغداي ۋە ئۇن ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئوقتاي، «ناھايىتى كۈچلۈك ئەينەك ۋە قۇرۇلۇش ئەشياسىغا ئېھتىياج بارلىقى مەلۇم قىلىندى. ئېھتىياجلارغا ئاساسەن كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق» دېگەنلەرنى  قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە «بۇ جاي خارابىلىك ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ نورمال ھالەتكە قايتىپ بولغۇچە، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇ يەردە بولىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

8-ئاينىڭ 4- كۈنى بېيرۇت پورتىدىكى پارتلاتقۇچ دورا قويۇلغان 12-نومۇرلۇق ئىسكىلاتتا دەسلىپىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئارقىدىن ناھايىتى كۈچلۈك پارتلاش يۈز بېرىپ، پۈتۈن بېيرۇتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. پارتلاشتا 154 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، تەخمىنەن 5 مىڭ ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر