بۈگۈن يۇقۇم سەۋەبىدىن 16 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 16كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1469477
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (2020-يىلى 7-ئاۋغۇست) يۇقۇم سەۋەبىدىن 15 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 5 مىڭ 829 غا چىققان بولدى.
بۇ 24 سائەت ئىچىدە 63 مىڭ 842 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 172 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 82 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 222 مىڭ 656 كىشىگە يەتتى.