تۈركىيە بىلەن مالتا لىۋىيە توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە بىلەن مالتانىڭ قوشما باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە دۆلىتى مىللىي يارىشىش ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

1468622
تۈركىيە بىلەن مالتا لىۋىيە توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن مالتا، خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە دۆلىتى مىللىي يارىشىش ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى،  لىۋىيە كرىزىسىنىڭ ھەربىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ يوقلۇقىنى ، لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە – مالتا بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلدى؛ لىۋىيە ، مالتا ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ، لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىدا  يىغىن چاقىرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا،  «تۈركىيە بىلەن مالتا، خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە دۆلىتى مىللىي يارىشىش ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى،  لىۋىيە كرىزىسىنىڭ ھەربىي ھەل قىلىش چارىسى يوقلۇقىنى ، لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى» دېيىلدى.

باياناتتا ، ئۈچ دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىرىنى ھەرىكىتى ۋە ھەرىكەتنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە دائىر قاراشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى تەكىتلىنىپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى: «بىرلەشمە ھەمكارلىق، مالتا ۋە تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ لىۋىيەگە قايتىشىغا، لىۋىيە بىلەن مالتا ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلۇشىغا ئىلھام بېرىشنىڭ؛ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا ئەمەس، لىۋىيە ئۈچۈنمۇ خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقان بولغاچقا، لىۋىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىنى كۈچەيتىش، ئادەم سودىسى ۋە كۆچمەن ئەتكەسچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. مالتا بىلەن تۈركىيە، لىۋىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قىسىملىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كېرەكلىك بولغان لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ، مىللىي يارىشىش ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر