قالىن ئاياسوفيا جامەسىدە 30 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسىنى كۈتۈۋالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تۈنۈگۈن تۈركىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەرقايسى ئەللەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنى زىيارەت قىلدى.

1468952
قالىن ئاياسوفيا جامەسىدە 30 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن، ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ھويلىسىدا باش ئەلچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ سۆھبەتلەشتى ۋە ئۇلارغا ئاياسوفيا ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن بىرلىكتە جامەگە كىردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن باش ئەلچىلەر جامەنىڭ ئىچىدە ئائىلە رەسىمىگە چۈشتى. پەلەستىن باش ئەلچىسى فائېد مۇستافا ۋە باشقا بىر قىسىم باش ئەلچىلەر جامەدە ناماز ئۆتىدى.

باش ئەلچىلەر بىلەن بىرلىكتە جامەنىڭ يۇقىرى قەۋىتىدىكى رېمونت خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان قالىن، «زىيارەت جەريانىدا باش ئەلچىلەرگە جامەنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردۇق» دېدى.

ئىبراھىم قالىن، 30 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى بىلەن ئاياسوفيا جامەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئاياسوفيانىڭ ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن جامەگە ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر تارىخىي ۋەقە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خەلقئارادىمۇ تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، بۇ يەردىكى خىزمەتلەرنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن قىممەتلىك باش ئەلچىلەرنى تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئاياسوفيانىڭ جامە بولۇشى بىلەن بىرلىكتە تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىقى سالاھىيىتىنىڭ، شۇنداقلا كىملىكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان قالىن، توپكاپى سارىيىدا مېھمان باش ئەلچىلەرگە كەچلىك زىياپەت بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر