ئەردوغان خىروشىمادىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەبرىك ۋىدېئوسى ئەۋەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 75-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتكەن ۋىدېئوسىدا: «خىروشىما، خاتالىقنى تەكرارلىماسلىقتەك قەتئىي ئىرادىمىزنىڭ نىشانىسى بولۇشى كېرەك» دېدى.

1468061
ئەردوغان خىروشىمادىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەبرىك ۋىدېئوسى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1945-يىلى 6-ئاۋغۇست ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىگە تاشلانغان ئاتوم بومبىسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلار ئۈچۈن شەھەردىكى تىنچلىق خاتىرە باغچىسىدا، خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمغا ئەۋەتكەن ۋىدېئوسىدا، خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ خىروشىما قۇربانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ: «دوست ياپونىيە خەلقىگە سەۋر تىلەيمەن. 75 يىلدىن بۇيان يۈرەكلىرىدىكى دەرتلىرىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقان دەرتمەنلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر تىلەيمەن» دېدى.

ئۇ: «بۇ ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا مەجبۇرمىز. تىنچلىق خاتىرە باغچىسىغا تىكلەنگەن ئابىدەگە ئويۇلغاندەك، خىروشىما < خاتالىقنى تەكرارلىماسلىق> قەتئىي ئىرادىمىزنىڭ نىشانىسى بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇ شەھەرگە ئاتوم بومبىسى تاشلانغاندا ئىككى ياشتا بولغان ۋە يارىلانغاندىن كېيىن 10 يىل ياشىغان، خىروشىمانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ساداكو ساساكىنى خاتىرىلىتىپ: «ئونلارچە تىراگېدىيەلەرگە قارىماي، سۈرىيەدە، يەمەندە، پەلەستىندە بالىلار داۋاملىق ئۆلمەكتە ۋە ئۇرۇشنىڭ بارلىق يۈكىنىڭ ئازابىنى چەكمەكتە. ئۆلۈم ئۇلارنى مۇساپىر قولۋاقلىرىدا، مەكتەپتىكى چېغىدا، كوچىدا ۋە بەزىدە ئۆزىنى ئەڭ بىخەتەر ھېس قىلىدىغان ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا تاپماقتا. بۇ دەرتلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، بالىلىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن <يەنە بىر قېتىم ھەرگىز>» دېدى.

ئۇ ۋىدېئودىكى سۆزىنى تۈركىيە شائىرى نازىم ھىكمەتنىڭ «ئىشىكىڭلارنى چېكىمەن، ھەدە، تاغا، ئىمزا قويۇڭلار. بالىلار ئۆلتۈرۈلمىسۇن، ئۇلار كەمپۈت يىسۇن» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.

مۇراسىمغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋاكالىتەن تۈركىيەنىڭ توكيودىكى باش ئەلچىسى ھەسەن مۇراتمەرجان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر