تۈركىيە تۈرك دۆلەتلىرىگە تېببىي بۇيۇم ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيە بىلەن كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە كېلىشىم ئىمزالىغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانغا ھەر خىل تېببىي بۇيۇملار ئىئانە قىلىنىدۇ.

1468310
تۈركىيە تۈرك دۆلەتلىرىگە تېببىي بۇيۇم ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدە 8 – ئىيۇلدا ئىمزالانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسدا سەھىيە ساھەسى بويىچە ئۆزئارا ئىئانە قىلىشقا دائىر كېلىشىم» نىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىغا دائىر قارار رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىگە 5 دانە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، 20 مىڭ دانە پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزاتورى ، 20 مىڭ دانە يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكە ئېلىش ئۈسكىنىسى، 100 مىڭ دانە ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 50 مىڭ دانە ن-95 تىپلىق ماسكا، 20 مىڭ دانە قوغدىنىش كىيىمى، 2 دانە كابىنىكىلىق پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزاتورى  ئىئانە قىلىدۇ.

رەسمىي گېزىتتە يەنە، 6 – ئاۋغۇستتا ئەنقەرەدە ئىمزالانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسدا سەھىيە ساھەسى بويىچە ئۆزئارا ئىئانە قىلىشقا دائىر كېلىشىم» نىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىغا دائىر قارارمۇ ئېلان قىلىندى.

كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۈركىيە ئەزەربەيجانغا 30 دانە سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچ، 35 مىڭ قوغدىنىش كىيىمى، 50 مىڭ دانە ن-95 تىپلىق ماسكا، 100 مىڭ دانە ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 5 مىڭ دانە كۆزئەينەك، 200 مىڭ دانە پەلەي ۋە 40 مىڭ قۇتا دورا ئىئانە قىلىدۇ.

ئەنقەرەدە 7 – ئىيۇلدا ئىمزالانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسدا سەھىيە ساھەسى بويىچە ئۆزئارا ئىئانە قىلىشقا دائىر كېلىشىم» نىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىغا دائىر قارارمۇ رەسمىي گېزىتنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈركىيە قىرغىزىستانغا 20 دانە سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچ ئۈسكۈنىسى، 50 مىڭ دانە ن-95 تىپلىق ماسكا، 100 مىڭ دانە ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 35 مىڭ دانە قوغدىنىش كىيىمى، 20 مىڭ دانە پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزاتورى، 20 مىڭ دانە يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكە ئېلىش ئۈسكىنىسى، 10 مىڭ قۇتا دورا، 50 دانە كۆچمە ئوكسېگىن تولۇقلاش ئاپپاراتى ئىئانە قىلىدۇ.

ئەنقەرەدە 1 –  ۋە 7 – ئىيۇل كۈنلىرى تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان سەھىيە ساھەسى بويىچە ئۆزئارا ئىئانە قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى رەسمىي گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە قازاقىستانغا 3 دانە سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچ ئىئانە قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر