چاۋۇشئوغلۇ مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن لىۋىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن (2020-يىلى 6-ئاۋغۇست) مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو (Evarist Bartolo) بىلەن بىللە لىۋىيەگە يېتىپ باردى.

1468112
چاۋۇشئوغلۇ مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن لىۋىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ لىۋىيەگە مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى داۋام قىلماقتا.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو بىلەن بىللە لىۋىيەنى زىيارەت قىلدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، زىيارەتتە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق كۈنتەرتىپىدە بولغان مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەتتە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرە-موسكۋا لىنيەسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا لىۋىيە رەھبەرلىرىگە مەلۇمات بېرىدۇ. لىۋىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالىدۇ.

لىۋىيە باش مىنىستىرى سەرراج 2020 -يىلى ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئارقىدىن كۆپ كىشىلىك تۈركىيە ھەيئىتى تىرىپولىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر بىلەن بىرلىكتە لىۋىيە ۋە مالتانى زىيارەت قىلغان ئىدى. ھۇلۇسى ئاكار زىيارىتىدىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشئاغا، مالتا دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بيرون جامىللەر بىلەن ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر