زەيتۇن شېخى رايونىدا 3 تېررورچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

سۈرىيەنىڭ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د ئەزاسى 3 تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى.

1467478
زەيتۇن شېخى رايونىدا 3 تېررورچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ خاتىرجەم، تىنچ مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / پ ي د ئەزاسى 3 تېررورچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. ئەسكەرلىرىمىز رايوننىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىقىنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول قويمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر