ئىيۇل ئېيىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيەدە 5 نەپىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى تېررورچى بولۇپ جەمئىي 105 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1467470
ئىيۇل ئېيىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى، ئېيۇل ئېيىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 5 نەپىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى تېررورچى بولۇپ جەمئىي 105 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسمائىل چاتاكلى، مىنىستىرلىقنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە «ئايلىق مەتبۇئاتنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئىيۇل ئېيىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 5 نەپىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى تېررورچى بولۇپ جەمئىي 105 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن گۇمان بىلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 2108 كىشىنىڭ 325 نەپىرىنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر