ئەنگلىيە قانىلى «تۈركىيەنىڭ كوۋىد -19 رازۋېدچىكىلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى
ئەنگلىيەنىڭ «Sky News» قانىلى تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرۈشتىكى ئۇتۇقلىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تۈركىيە سەھىيە خادىملىرىنىڭ خۇددى ۋىرۇسقا قارشى رازۋېدچىكلاردەكلا خىزمەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەنىڭ «Sky News» قانىلى مۇخبىرى ئالېكىس كراۋفوردنىڭ «تۈركىيەنىڭ كوۋىد -19 رازۋېدچىكىلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرۈشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
خەۋەردە، تۈكىيە سەھىيە خادىملىرىنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەىشتە كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مىڭلىغان كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىمارلارنى ھەر كۈنى تەقىپ قىلىدىغانلىقى، بېمارلارنىڭ ئۆتكەن 2 ھەپتىلىك ئەھۋالىنى ۋە بۇ جەرياندا ئۇلار ئۇچراشقان كىشىلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە، «تۈركىيەدە 16 مىڭ 300 سەھىيە خادىمى كوۋىد -19 بېمارلىرىنى، بېمارلارنىڭ يېقىنلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە بېمارلارنىڭ تۇغقانلىرىنى گويا رازۋېدچىكلاردەك تەقىپ قىلىدۇ» دېيىلدى.
تۈركىيەدە كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ كېچىكتۈرۈلمەستىن دەرھال تەكشۈرىلىدىغانلىقى، كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىك بولغان تەقدىردىمۇ تېز داۋالاش باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
خەۋەردە، يېقىنقى 4 ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەدە يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىدىن ئاز بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە مىليونلىغان كىشىنى كوۋىد -19 تەكشۈرىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشتەك غەلىبىسىنىمۇ نامايان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە، «تۈركىيە كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى كۆپ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى، بارلىق سەھىيە مۇلازىمىتى ھەقسىز» دېيىلدى.
كوۋىد -19 تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئىستابۇلدا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھەشەمەتلىك چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ سېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.