ۋىرۇس يۇقتۇرۇلغان تۈرك يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى رۇسىيەدىن ئېلىپ كېلىندى

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئېنىقلىنىپ بىر مەزگىل داۋالانغان 60 ياشلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپىرى كەمال يىلماز تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

1467481
ۋىرۇس يۇقتۇرۇلغان تۈرك يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى رۇسىيەدىن ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئېنىقلىنىپ بىر مەزگىل داۋالانغان 60 ياشلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپىرى كەمال يىلماز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن ترابزونغا ئېلىپ كېلىنىپ بالنىستقا ئېلىندى.

ترابزوندىن رۇسىيەگە كەتكەن، 26 – ئىيۇلدا ۋولگوگراد شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا كوۋىد – 19 يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلغان 60 ياشلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپىرى كەمال يىلمازنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ ترابزوندا داۋالىنىشى ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىلتىماس سۇنغانىدى.

كەمال يىلماز مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىراننىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

ترابزون ئايرودۇرۇمىغا قونغان ئايروپىلاندىن سەھىيە خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىنغان يىلماز، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ترابزون قانۇنى تەلىم – تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىپ بالنىستقا ياتقۇزۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر