تۈركىيە: ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر قارارى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى

تۈركىيە، ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ئاپتونومىيەلىك سالاھىيىتىگە ئالاقىدار ماددىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن بۇيانقى بىر يىلدا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1467464
تۈركىيە: ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر قارارى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىدىكى كەشمىرنىڭ ئاپتونومىيەلىك سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ بىرىنچى يىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب  قايتۇرۇپ، «ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ئاپتونومىيەلىك سالاھىيىتىگە ئالاقىدار ماددىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن بۇيانقى بىر يىلدا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ جاممۇ كەشمىردىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى ۋە رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا خىزمەت قىلمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. تۈركىيە بۇ مەسىلىنىڭ دىيالوگ يولى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ كۆرسەتمىسى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى پىكرىنى ساقلاپ كەلمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان 2019 – يىلى 5 – ئاۋغۇستتا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق جاممۇ كەشمىر رايونىنىڭ ئاپتونومىيەلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ، رايوننى مەركەزگە قاراشلىق ئىككى ئايرىم رايونغا ئايرىۋەتكەنىدى.

قاراردىن كېيىن ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جاممۇ كەشمىر رايونىدا ئامانلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۈستىدىكى بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرغان، كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئىنتېرنېت، تېلېفون ۋە قاتناش چەكلىمىلىرىنى يولغا قويغان، رايوندىكى يەرلىك پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر