گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغان چەت ئەللىك مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى تەۋەلىكىدە تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغان كامېر كېمىدىكى 74 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1467572
گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغان چەت ئەللىك مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشچە، قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان بىر گۇرۇپپا مۇساپىر، ئىككى كامېر كېمىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققاندىن كېيىن، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغان.

مادەن ۋە چىپلاك دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان مۇساپىرلار تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى  تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر