فىرانسىيەنىڭ «Le Figaro» گېزىتى ئەردوغاننى، فاتىھ سۇلتان مەھمەتكە ئوخشاتتى

فىرانسىيەنىڭ «Le Figaro» گېزىتى، «فاتىھ ئەردوغان» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

1467258
فىرانسىيەنىڭ «Le Figaro» گېزىتى ئەردوغاننى، فاتىھ سۇلتان مەھمەتكە ئوخشاتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Figaro» گېزىتى، «(جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ) ئەردوغاننىڭ قارىشىچە، (لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن) ئورنىتىلغان ھەمكارلىق، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ۋەيران قىلغان سەۋر شەرتنامىسىنى بوزىدۇ» دەپ يازدى.

«Le Figaro» گېزىتىنىڭ «فاتىھ ئەردوغان» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەردوغاننى، (ئوسمانلى ئىمپېراتورى) فاتىھ سۇلتان مەھمەتكە ئوخشىتىپ، ئەردوغاننىڭ فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەۋرىدىكىدەك كونا ئىمپېرىيە كۈچىنى چېگرالاردىن ھالقىتىپ، تۈركىيەگە ئىلگىرىكى شان – شەرىپىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغاننىڭ لىۋىيە باش مىنىستىرى فەيز ئەسساراج بىلەن ئاق دېڭىز خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن خەۋەردە يەنە، فەيز ئەسساراجنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى يالغۇز تاشلاپ قويغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە، «رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قارىشىچە، (لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن) يېڭى ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئورناتقانلىقى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى پارچىلىغان (1920 - يىلىدىكى) سەۋر شەرتنامىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

ئاق دېڭىزدىكى دېڭىز چېگرالىرى مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى يېرىكلىشىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى تەۋەلىكىدە شۇنداقلا مېيس ئارىلى  دېڭىز تەۋەلىكىدە بۇرغىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى ھەمدە «شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى بايلىق تالىشىش كۈرىشى تېخى ئەمدى باشلىنىدۇ» دېگەن قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر