تۈركىيە ئەبۇدابى رەھبەرلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەبۇدابى رەھبەرلىكىنىڭ سۈرىيە، لىۋىيە، يەمەن ۋە ئافرىقا مۆڭگۈزىگە ئوخشاش رايونلاردا مۇقىمسىزلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1466533
تۈركىيە ئەبۇدابى رەھبەرلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ 2020 – يىلى 31 – ئىيۇلدا ئەلجەزىرە قانىلىدا تارقىتىلغان سۆھبەت پىروگراممىسىدىكى سوئاللارغا قايتۇرغان جاۋابىغا قارىتا بەھرەيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەبۇدابى رەھبەرلىكىنىڭ سۈرىيە، لىۋىيە، يەمەن ۋە ئافرىقا مۆڭگۈزىگە ئوخشاش رايونلاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كېلىشىملىرى باشتا بولۇپ بارلىق خەلقئارا قائىدە – تۈزۈملەر ۋە ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلارنى دەپسەندە قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغان مۇقىمسىزلاشتۇرغۇچى پائالىيەتلىرىگە <بەرباچى> دەپ باھا بېرىش ۋە ئۇلارغا كۆرسەتكەن ئورۇنلۇق نارازىلىقىمىزنى ئەرەب قېرىنداشلىرىمىزغا كۆرسىتىلگەن (نارازىلىقتەك) قىلىپ كۆرسىتىش ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر، بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر. ئەرەب خەلقى بىزنىڭ دوستىمىزدۇر، قېرىندىشىمىزدۇر. ئەبۇدابى رەھبەرلىكىنى ۋە بۇ رەھبەرلىكنى قوللىغان ھۆكۈمەتلەرنى ئەقلىي بولۇشقا چاقىرىمىز. بەھرەيىنلىك رەھبەرلەرگە بۈگۈن يېنىدا تۇرغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ يېقىن تارىختا بۇ رايوندا قىلغان – ئەتكەنلىرىنى ئەسلىتىشتىن خېجىللىق ھېس قىلىمىز. رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىسيانچىلارنىڭ ئەمەس، قانۇنىيلىقنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئارقىلىق قوغدىغىلى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ لىۋىيە بىلەن 500 يىللىق ئورتاق تارىخى، مەدەنىيىتى، تونۇشىنىڭ بارلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ «لىۋىيە لىۋىيەلىكلەرنىڭدۇر» پىرىنسىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ مەقسىتىنىڭ مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پۈتكۈل لىۋىيەلىكلەرنى باغرىغا باسىدىغان، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللىي بىرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە خوجا شۇنداقلا باياشات بىر لىۋىيە بەرپا قىلىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «تۈركىيە ئىسيانچىلارنىڭ ئەمەس، ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان (لىۋىيە) مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئىمزالانغان ئىككى تەرەپ كېلىشىملىرى دائىرىسىدە لىۋىيەدە تۇرماقتا. تۈركىيە ھازىرغىچە بەرگەن ھەربىي تەلىم – تەربىيە، ياردەم ۋە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى (بۇنىڭدىن كېيىنمۇ) قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر