ئەردوغان بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا ۋە كوسوۋو رەھبەرلىرى بىلەن ھېيتلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باشلىقى شېفىق جافەروۋىچ ۋە كوسوۋو پىرېزىدېنتى ھاشىم تاچى بىلەن تېلېفوندا ھېيتلاشتى.
1466031
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەھبەرلەر تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى قۇدرەت تاپقۇۇش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەشكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى، قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ قاتارلىقلار رەھبەرلەر بىلەن تېلېفوندا ھېيتلاشقان.
رەھبەرلەر تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى قۇدرەت تاپقۇۇش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى قەيت قىلىشقان.