ئەردوغان: ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى ھېيت خۇشاللىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاياسوفيا جامەسىنىڭ 24 – ئىيۇل كۈنى ئىبادەتكە ئېچىۋېلىشىنىڭ ھېيت خۇشاللىقلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

1465548
ئەردوغان: ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى ھېيت خۇشاللىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى

 

جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى ئەردوغان، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ۋىدېيو  كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھېيتلاشتى.

ئەردوغان، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، دۆلەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق بولمىغان نەيرەڭۋازلىق تۇزىقىغا چۈشمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چوڭ قۇرۇلتىيىمىزنى يېڭىدىن قۇدرەت تېپىش، قايتىدىن تىرىلىش ۋە يېڭىدىن گۈللىنىش باسقۇچىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاياسوفيا جامەسىنىڭ 24 – ئىيۇل كۈنى ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىشى ھېيت خۇشاللىقىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر