بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى.

1465253
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 4691 گە يەتتى.

بۇ جەرياندا  46  مىڭ 492 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 982 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 996 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 214 مىڭ 535 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر