ئاقار بىلەن قوماندانلار چېگرا رايونىدا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن ھەرقايسى ئارمىيەلەرنىڭ قوماندانلىرى گىرېتسىيە ۋە بۇلغارىيە چېگرالىرىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنى زىيارەت قىلدى.

1464861
ئاقار بىلەن قوماندانلار چېگرا رايونىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى قوماندانلار، گىرېتسىيە ۋە بۇلغارىيە چېگرا رايونلىرىغا بېرىپ، بۇ يەردە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنى زىيارەت قىلدى ھەم تەكشۈرۈشلەردە بولدى.

ئاقار ۋە قوماندانلار قۇربان ھيېت نامىزىنى «سەلىمىيە جامەسى» دە ئوقۇدى.

ئاقار، نامازدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە بارلىق قوشنىلىرىمىز بىلەن، گىرېتسىيە بىلەن، بۇلغارىيە بىلەن بولغان پائالىيەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا. جۈملىدىن، بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى تولۇق ئىشلىدۇق ۋە ئىشلەۋاتىمىز. بۇ دائىرىدە ئۇچرىشىشلىرىمىز ئۈزلۈكسىز دۋاملىشىدۇ.»

بارلىق پائالىيەتلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە جىددىي ۋە سەزگۈرلۈك ئاساسىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئاقار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئەنقەرەدە گىرېتسىيەلىك قوشنىلىرىمىز بىلەن بىر  يەرگە جەم بولۇشنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يىغىنلار ھەم ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر