ئەردوغان «‹نۇھ پەيغەمبەر› بازىسى» دىكى ئەسكەرلەرنىڭ قۇربان ھيېتىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىرناقتىكى «جۇدى تېغى» چوققىسىغا جايلاشقان «‹نۇھ پەيغەمبەر› ھەربىي بازىسى» دا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ قۇربان ھيېتىنى تەبرىكلىدى.

1464976
ئەردوغان «‹نۇھ پەيغەمبەر› بازىسى» دىكى ئەسكەرلەرنىڭ قۇربان ھيېتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن گۈنەيچام قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىدا قالغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئەتىگەن تەرەپلەردە ئەسكەرلەر بىلەن ھېيتلاشتى.

سويلۇ، سىمسىز تېلېفون ئارقىلىق رايوندا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ قۇربان ھيېتتىنى تەبرىكلىدى، ئاندىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، قۇربان ھيېتىنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان، مىنىستىر سويلۇنىڭ تېلېفونىدىن ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇربان ھيېتىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەم ھۇزۇر ئىچىدە دىدار كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلغاي، سىلەرگە ۋە سىلەر بىلەن بىرلىكتە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان بارلىق قوماندانلارغا، پۈتكۈل دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزگە تەكرار مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئاللاھ مەدەتكارىمىز ۋە ياردەمچىمىز بولغاي!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر