ئاقار: دېڭىز ساھەلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئەڭ تەبىئىي ھەققىمىزدۇر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەنقەرەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ۋە تۈركىيەنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغان ساھەلەردە تەتقىقات ھەم تەكشۈرۈش  ئېلىپ بېرىشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1464217
ئاقار: دېڭىز ساھەلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئەڭ تەبىئىي ھەققىمىزدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار شىمالىي قىبرىس ئارمىيەسى كۈنى زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «قىبرىس مەسىلىسى بىزنىڭ مىللىي داۋامىزدۇر. دېڭىز ھوقۇق ساھەلىرىنى بەلگىلەپ چىقىش، باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەق – ھوقۇقلارنى قوغداش، دېڭىز مەنبەلىرىدىن ئادىل بەھرىمەن  بولۇش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ھەقتە ھېچكىم بىزگە ھەرقانداق شەكىلدە تەسىر كۆرسىتىشكە، ياكى ھەرقانداق بىر ئۇسۇلدا بىزگە توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. بۇ ھەقتىكى ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆپ قېتىم تەكرارلىدۇق. دەرۋەقە، ئىرادىمىزنى چوقۇم رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز. تاشلىغان قەدەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى پىرىنسىپلارغا، خەلقئارا قانۇنغا، دېڭىزچىلىق بەلگىلىمىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشقا ئاشۇۇرلماقتتا. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، شەرقىي ئاقدېڭىزدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت ساھەلەدە ۋە تۈركىيەنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغان ساھەلەردە تەتقىقات ھەم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە بۇ ساھەلەردىكى مەنبەلەردىن بەھرىمەن بولۇش بىزنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققىمىزدۇر.»

ئۇ يەنە، گىرېتسىيە تەرەپ بىلەن ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە ئاساسەن 4 – قېتىملىق يىغىننىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى گىرېتسىيە تەرەپكە بىلدۈرگەنلىكلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر