ئەردوغان قۇربان ھيېتنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھيېتىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1464563
ئەردوغان قۇربان ھيېتنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان كۆرۈۈشلۈك  باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىنى، سەھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە، پۈتكۈل دۇنيانىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ باشقۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تارىخىمىزدا <زەپەرلەر ئېيى> سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدىغان ئاۋغۇست ھارپىسىدا، خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەۋلادلىرىمىزغا يېڭى زەپەرلەرنى مىراس قالدۇرىمىز. ئىراق ۋە سۈرىيەدىن لىۋىيەگىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك ساھەلەردە داۋاملىشىۋاتقان كۈرىشىمىزنى ئۆزىمىز ھەم قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن زەەپرلەر ئارقىلىق نەتىجىلەندۈرۈش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. تۈركىيە، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باشلاتقان پائالىيەتلىرى ھەم كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.»

يېڭىدىن ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلگەن ئاياسوفيا جامەسى ئۆرنىكىدە كۆرۈلگىنىدەك، تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدە  ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتىن قىلچە ئايانمايدىغانلىقىنى  ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ، دۇنيانىڭ قەيېرىدە يۈز بەرسە بەرسۇن، قايسى ئېتىقادقا، ئېتنىك مىللەتكە، مەدەنىيەتكە ساھىب بولسا بولسۇن، ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھەممە كىشىنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە قۇربان ھيېتنىڭ دىللارغا ھۇزۇر، تۈركىيەگە ئېسەنلىك، دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قۇربان ھيېتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر