تۈركىيە - ئەزەربەيجان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى كەك كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى.

1464264
تۈركىيە - ئەزەربەيجان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى كەك كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى.

ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن باشلانغان مانېۋىرغا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى قاتناشتۇرۇلدى.

باكۇ، ناھچىۋان، گەنجە، كۈردەمىر ۋە يەھلاھتا ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش 10 – ئاۋغۇستتا ئاخىرلىشىدۇ.

ئىككى دۆلەت قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى بولسا، 1 – ئاۋغۇستتىن 5 – ئاۋغۇستقىچە باكۇ ۋە ناھچىۋاندا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مانېۋىر جەريانىدا ھەرخىل بۇيرۇقلار ئىجرا قىلىنىدۇ، بىرونېۋىكلىك ئاپتوموبىللار ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا زەربە بېرىلىدۇ.

بۇ جەرياندا جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «قېرىنداش ئەزەربەيجان بىلەن ھەردائىم ۋە ھەرقانداق شارائىتتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر