تۈركىيە: لىۋاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز

تۈركىيە لىۋاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، ھۇزۇرى ۋە مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1463529
تۈركىيە: لىۋاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، لىۋانلىق بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار دەۋالىرى ھەققىدىكى سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابىدا مۇنداق دېدى: «لىۋانلىق بىر قىسىم سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلگەن، دۆلىتىمىزنىڭ <لىۋاننىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى قوللاپ، لىۋاننىڭ بۇ رايونىدا نوپۇز ساھەسىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى> تەرىقىسىدىكى دەۋالار پۈتۈنلەي ئويدۇرمىدۇر. شۇم نىيەتلىك بۇ دەۋالارغا جىددىي قاراش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستۇر.»

ئۇ، تۈركىيەنىڭ لىۋاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، ھۇزۇرى ۋە مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئويدۇرما دەۋالارنى ئوتتۇرىغا تاشلىغۇچىلار، كىملەرنىڭ لىۋاننى ئارقا باغچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر