ئەردوغان قۇربان ھيېتتا يۇقۇم تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 31 –  ئىيۇلدىن 3 – ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان قۇربان ھيېتتا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1463252
ئەردوغان قۇربان ھيېتتا يۇقۇم تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى
erdogan kabir ziyareti.jpg
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تازىلىق، ماسكا ۋە ئىجتىمائىي ئارىلىق مۇساپىسى قاتارلىق تەدبىرلەرگە قاتتىق رىئايە قىلايلى. بۇ ئارقىلىق بۇ كۈرىشىمىزدە غەلىبە قىلىپ، بۇ بالايىئاپەتتىن قۇتۇلايلى. بۇ ئارىلىقتا، خەلقىمىزنىڭ قۇربان ھيېتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، قۇربان ھيېتنىڭ پۈتكۈل ئائىلىلەر ئۈچۈن خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىگە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ يىلقى ھېيتىمىز ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئېچىلىشىغا توغرا كەلدى. بۇمۇ بىز ئۈچۈن ئايرىم بىز  مۇھىم بىر خۇش خەۋەردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر