تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ناھچىۋانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە – ئەزەربەيجان كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمەن ھەربىي مانېۋىرىغا ئىشتىراك قىلىدىغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ناھچىۋانغا يېتىپ باردى.

1462879
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ناھچىۋانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەسكەرلىرى، ناھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەدەرەك چېگرا ئېغىزى بويىدىكى ئاراز دەرياسى كۆۋرۈكىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ كۈتۈۋېلىندى.

مۇراسىمدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق مارشى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ مىللىي مارشى ئوقۇلدى، بايراق ئالماشتۇرۇلدى. مۇراسىمدىن كېيىن ئەسكەرلەر ناھچىۋاندىكى ھەربىي رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ ۋە ناھچىۋاندا 1 – ئاۋغۇستتىن 5 – ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان ھەربىي مانېۋىردا ھەرخىل بۇيرۇقلار ئىجرا قىلىنىدۇ، بىرونىۋىكلار، زەمبىرەكلەر ئارقىلىق سىمۋول خاراكتېرلىك دۈشمەن ئورۇنلىرى ئوققا تۇتۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر