«3-چاقماق ئاغرى تېغى» ھەرىكىتى باشلاندى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاغرى، ئىغدىر ۋە كارس ۋىلايەتلىرىدە 1 مىڭ 170 خادىمنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا «3-چاقماق ئاغرى تېغى» ھەرىكىتىنى باشلىدى.

1462501
«3-چاقماق ئاغرى تېغى» ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى «3-چاقماق ئاغرى تېغى» ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىش ۋە رايوندا ئۇۋا تۇتتى دەپ قارىلىۋاتقان تېررورىستلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ئاغرى، ئىغدىر، كارس ۋىلايەتلىرىدە «3-چاقماق ئاغرى تېغى» ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەرىكەتتە، ئەرزۇرۇم رايونلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئالاھىدە قوراللىق ساقچى ئەترىتى، ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن 1 مىڭ 170 خادىم، 86 ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

باياناتتا، مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن باشلانغان «چاقماق» ھەرىكەتلىرىنىڭ، خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا تولۇق ئىشەنچ ۋە قەتئىي ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر