ئەردوغان ئاياسوفيا جامەسىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسىدا تارقىتىلغان تۇنجى ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىف ئۈچۈن ئېچىلغان رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسىدا «بىسمىللاھ» بىلەن ھەمبەھىرلەنگەن تۇنجى ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ ئادرېسىدا ئورتاقلاشتى.

1461032
ئەردوغان ئاياسوفيا جامەسىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسىدا تارقىتىلغان تۇنجى ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى
ayasofya camisi.jpg
Erdoğan Ayasofya Camii(7).jpg
Erdoğan Ayasofya Camii(6).jpg
erdogan ayasofya.jpg
Ayasofya (1).jpg
erdogan ayasofya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۈگۈن جۈمە نامىزى بىلەن بىرلىكتە ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىدىغان ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسىدىكى تۇنجى ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئادرېسىدا ئورتاقلاشتى.

ئەردوغانمۇ ئورتاقلاشقان تىۋىتتېر ئۇچۇرى ئەرەبچە يېزىلغان «بىسىمىللاھىررەھمانىررەھىم» دېگەن خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ جەرياندا ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدىكى قوللانغۇچىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دېگەن يەرگە ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغان «29- ماي» كۈنىنىڭ يېزىلىشى دىققەتنى تارتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېر ئادرىسىدا ئاياسوفيانىڭ فوتو – سۈرەتلىرىگە قوشۇپ جۈمە كۈنى تەبرىك ئۇچۇرى ئورتاقلاشتى؛

ئەردوغاننىڭ «خەيرلىك جۈمەلەر» تېمىلىق ئۇچۇرى ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھىرلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر